ئەرمېنىيەدە خەلق كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزمەكتە
ئۆزلىرىنى «بۇلاڭچىلىقنى توختىتىش گۇرۇپپىسى» دەپ ئاتىشىۋالغان گۇرۇپپا پايتەخت ئەرىۋاننىڭ چوڭ كوچىلىرىدا قاتناشنى توختاتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئەرمېنىيەدە خەلق ئېلېكتىرنىڭ باھاسى ئۆستۈرۈلگەنلىكىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزمەكتە.
ئەرمېنىيەنىڭ پايتەختى ئەرىۋاندا ئېلېكتىر باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلگەنلىكىگە قارشى خەلق كوچىلارغا تاشتى.
ئۆزلىرىنى «بۇلاڭچىلىقنى توختىتىش گۇرۇپپىسى» دەپ ئاتىشىۋالغان گۇرۇپپا پايتەخت ئەرىۋاننىڭ چوڭ كوچىلىرىدا قاتناشنى توختاتتى.
يۈزلىگەن نامايىشچى باھانىڭ ئۆستۈرۈلىشىگە قارشى شوئارلارنى توۋلاپ يۈرۈش قىلدى.
ساقچىلارنىڭ ئاگاھلاندۈرۈشلىرىغا پىسەنتمۇ قىلمىغان نامايىشچىلار باھا ئۆستۈرۈش قارارىنىڭ پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى.
ئەرمېنىيەدە ئېلېكتىر باھاسىنىڭ ئاستۈرۈلىشى ھەققىدىكى قارار ئالدىنقى ئاي ئىجرا قىلىشقا باشلانغان بولۇپ، خەلقنىڭ بىلدۈرگەن نارازىلىقلىرى تۈپەيلىدىن پىرېزىدېنت سەرج ساركىسيان باھا ئۆستۈرۈش بەدىلىگە مەلۇم مەزگىلگىچە ھۆكۈمەتنىڭ خەلققە قوشۇمچە پۇل ياردەم قىلدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بىراق خەلق بۇنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/3cc3/db28/e5e7/571459f87d3d8.jpg?time=1719196957)
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.