ئامېرىكا ھاماسقا ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغان بولدى

ھاماسقا ئالاقىدار بەزى كىشى ۋە شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكىدىكى بارلىق مال - مۈلكى توڭلىتىپ قويۇلدى ھەمدە بۇ كىشى، ئورگان ۋە شىركەتلەر بىلەن سودا قىلىش مەنئىي قىلىندى.

377994
ئامېرىكا ھاماسقا ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ھاماسقا تەۋە بەزى كىشى ۋە ئورگانلارنىڭ تېرررورلۇق تىزىملىكىگە ئېلىنىپ، ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىشى ھەققىدە قارار ماقۇللىدى.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى ھاماسقا ئەزا سىياسەتچى سالىھ ئەل ئارۇرىنى، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئىككى مالىيە خادىمىنى، ھاماسنىڭ غەززەدىكى ھەربىي قانىتىغا پۇل ياردەم قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر شىركەتلەر گۇرۇھىنى ۋە مىسىرلىق بىر چەت ئەل پىرۇۋىتى سودا مەركىزىنى تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.
مەزكۇر كىشى ۋە شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكىدىكى بارلىق مال - مۈلكى توڭلىتىپ قويۇلدى ھەمدە بۇ كىشى، ئورگان ۋە شىركەتلەر بىلەن سودا قىلىش مەنئىي قىلىندى.
ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ تېررورلۇق ۋە مالىيە ئىستىخباراتىغا مەسئۇل خادىمى، بۇ ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ ھاماسنى ئاجىزلىتىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر