خىتايدا سىرىك ئۆمىكىدىن قاچقان بىر شىر ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى

ئەنخۇي ئۆلكىسىدە سىرىك ئۆمىكىدىكى قەپەزدىن قېچىپ چىققان بىر شىرغا رەھىم قىلىنمىدى. خىتاي ساقچىلىرى ئۇ شىرنى ئېتىپ ئۆلتۈردى. بۇ ۋەقە ئاشكارىلىنىشى بىلەن قاتتىق نارازىلىققا سەۋەب بولدى.

378058
خىتايدا سىرىك ئۆمىكىدىن قاچقان بىر شىر ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي يەرلىك تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، سىرىك ئۆمىكىنىڭ ئاپتوموبىلىدىكى قەپەزدىن قېچىپ چىققان بىر شىر، ماشىنىدىن يولغا سەكرەپ چۈشكەن ۋە ئارقىدىن كەلگەن ئاپتوموبىلغا سوقۇلۇپ پۇتى يارىلانغان. بۇنى كۆرگەن باشقا ئاپتوموبىلدىكىلەر دەرھال ئاپتوموبىللىرى بىلەن توسۇق ھاسىل قىلىپ ساقچىلارغا خەۋەر بەرگەن.
ۋەقەنى كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، شىر ئاپتوموبىللاردىن ئۈركۈپ يول بويىدا تۈگۈلۈپ ياتقان، ئەمما نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ساقچىلار ناركوز ئوكۇلى كېلىپ بولغىچە شىرنىڭ ھۇجۇمىدىن ئەنسىرەپ 20 پاي ئوق بىلەن شىرنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ساقچى: «شىرنىڭ ئۆلگەن ياكى ئۆلمىگەنلىكىدىن خاتىرجەم بولۇش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ ئوق ئاتتۇق، شىرنىڭ كىشىلەرنى يارىلاندۇرۇشىدىن قورقتۇق» دېگەن. ۋەقەدىن كېيىن، سېرىك ئۆمىكىنڭ مەسئۇللىرى تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.
خەلقئارادىكى ھايۋانلارنى قوغداش ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى يارىلانغان شىرنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈشىگە نارازىلىق كۆرسەتتى. ئانا ۋەتىنى ئافرىقا قىتئەسى بولغان شىرلار سىرىك ئويۇنلىرىدا كۆرسىتىلىش ئۈچۈن قانۇنسىز يوللار بىلەن ئوخشىمىغان دۆلەتلەرگە سېتىلىدۇ. شىرغا ئوخشاش بەزى يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى خىتاي تېبابىتىدە ئىشلىتىلىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن، يىراق شەرقتىكى دۆلەتلەرنىڭ باي ئائىلىلىرى ئارىسىدا يىرتقۇچ ھايۋانلارنى بېقىش ھادىسىلىرى كۆپىيىشكە باشلىدى. مارت ئېيىدا خىتاينىڭ بىر شەھىرىدە دۇنيادا تۈرى ئازلاپ كېتىۋاتقان بىر سېربىيە يولۋىسىنىڭ بىنانىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىن چۈشۈپ ئۆلۈپ كېتىشىدىن كېيىن، ئۈچ نەپەر خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنىڭ 11 سېربىيە يولۋىسىنى بېقىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.
ئېغىرلىقى 200 كىلوگىرام كېلىدىغان مەزكۇر شىرنىڭ ئاپتوموبىل قەپىزىدىكى ھەددىدىن زىيادە ئىسسىق سەۋەبىدىن غالجىرلاشقانلىقى، شۇڭا تۆمۈر قەپەزنى سۇندۇرۇپ يولغا سەكرەپ چۈشكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر