ئابباس: ئىسرائىلىيە تىنچلىق مۇساپىسىگە زىيان يەتكۈزۈۋاتىدۇ

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس ئىسرائىلىيەنىڭ ئاھالىلەر رايونى توغرىسىدىكى زىددىيەتلىك پوزىتسىيەسىنى ئەيىبلىدى.

377317
ئابباس: ئىسرائىلىيە تىنچلىق مۇساپىسىگە زىيان يەتكۈزۈۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس ئىسرائىلىيەنىڭ ئاھالىلەر رايونى توغرىسىدىكى زىددىيەتلىك پوزىتسىيەسىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنى جانلاندۇرۇش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرىنى بىكار قىلىۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئابباس ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى باشلىقى دونالد تۇسك بىلەن راماللاھتا كۆرۈشكەندە سۆز قىلىپ، «پەلەستىن تەرەپ تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ جانلاندۇرۇلۇشى ئۈچۈن چىقىرىلغان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقلىرىغا جاۋاب بەرمەكتە، لېكىن، ئىسرائىلىيەنىڭ ئاھالىلەر رايونلىرى مەسىلىسىدە چىڭ تۇرۇۋېلىشى بۇ تىرىشچانلىقلارنى بىكار قىلىۋېتىپ بارىدۇ» دېدى.

تۇسكقا پەلەستىننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە سىياسىي چىگىشلىكلەر ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئابباس، ياۋروپانىڭ تىنچلىق مۇساپىسىدە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

تۇسكمۇ سۆز قىلىپ، پەلەستىندە ۋە رايوندا مۇقىملىقنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى، تىنچلىق ئورنىتىلىشى ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر