نېتانياھۇنىڭ زىيارىتى ئەنگلىيە خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ ئەنگلىيە زىيارىتى ئەنگلىيە خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

377467
 نېتانياھۇنىڭ زىيارىتى ئەنگلىيە خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە خەلقى لوندون باش ۋىزارىتى بىناسىنىڭ ئالدىدا بېنيامىن نېتانياھۇغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.
نېتانياھۇ نامايىشلارغا قارىماي لوندونغا يېتىپ باردى.
400 دىن ئارتۇق نامايىشچى نارىسىدە بالىلارنىڭ قاتىلى دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ ئەنگلىيەگە يېتىپ بارغان ھامان قولغا ئېلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.
لوندوندا يەنە 100 گە يېقىن كىشى ئىسرائىلىيەنى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزدى.
ئەنگلىيە ساقچىلىرى ئىسرائىلىيەنى قىللاپ نامايىش ئۆتكۈزگۈچىلەر بىلەن نېتانياھۇغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزگۈچىلەرنى ئايرىشتا قىينالدى، ئىككى گۇرۇپپا ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن پاتىپاراقچىلىقتا 2 كىشى قولغا ئېلىندى.
بۇ ئارىلىقتا، ئەنگلىيەدە ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ نېتانياھۇنىڭ قولغا ئېلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ ئىلتىماسقا ئىمزا قويغانلارنىڭ سانى 108 مىڭغا يەتتى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ سان بۇ مەسىلىنىڭ ئەنگلىيە پارلامېنتىدا مۇزاكىرە قىلىنىشى ئۈچۈن يېتەرلىك ئىكەن.
نېتانياھۇ بولسا ئەنگلىيەگە قاراپ يولغا چىقىش ھارپىسىدا بەرگەن باياناتىدا، «ياۋروپا رادىكال گۇرۇپپىلارغا قالقان بولۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە بېسىم ئىشلەتمەسلىكى، ئەكسىچە ياردەم بېرىشى لازىم» دېدى.
ئەنگلىيەدىكى بىر قىسىم تاللا بازارلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىن ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئۈستىگە قوشۇمچە بەلگە قويۇلماقتا.
ئىستېمالچىلارمۇ ئىشغال ئاستىدىكى رايونلاردا يەھۇدىي كۆچمەنلەر تەرىپىدىن ئىسرائىلىيە ماللىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلىنماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر