دائېش تارىخىي يادىكارلىقلارنى تالان – تاراج قىلماقتا
سۈرىيەدىكى مەدەنىي مىراسلار دائېش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بىر تەرەپتىن قولىغا كىرگۈزۈۋالغان رايونلاردىكى مەدەنىي مىراسلارنى يوق قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، قانۇنسىز ھالدا ئارخېئولوگىيەلىك قېزىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا.
تارىخىي يادىكارلىقلارنى ۋەيران قىلىشنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈۋاتقان UNESCO ، تارىخىي يادىكارلىقلارنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنىڭ سۈرىيە سىرتىغا چىقىرىلغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.
بىباھا تارىخىي يادىكارلىقلار ئىنتېرنېت ئارقىلىق بازارغا سېلىنىپ، قانچە ئون مىڭ دوللاردىن سېتىلماقتا.
سوممىسى قانچە ئون مىليون دوللارغا يەتكەنلىكى خەۋەر قىلىنىۋاتقان تارىخىي يادىكارلىقلار نېفىت قاراڭغۇ بازارلىرىدىن سىرت يەنە، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي مەنبەسىنى تەشكىل قىلماقتا.
مۇتەخەسسىسلەر، قىسقا مەزگىلدىن كېيىن رايوندىن ئوغرىلاپ كېتىلگەن يادىكارلىقلارنىڭ باھا تالاشتۇرۇپ سېتىش بازارلىرىدا ۋە مەخسۇس كۆرگەزمىلەردە كۆزگە چېىلىقىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/3cc3/db28/e5e7/571459f87d3d8.jpg?time=1719184199)
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.