ھىندىستاندا چاقماق چېقىپ نۇرغۇن كىشى ئۆلدى

ھىندىستاندا چاقماق چېقىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ 12 ئادەم ئۆلدى، نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى.

376230
ھىندىستاندا چاقماق چېقىپ نۇرغۇن كىشى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئاندىرا پىرادېش ۋە شەرقىگە جايلاشقان ئورىسسا ئۆلكىلىرىدە يۈز بەرگەن چاقماق ھادىسىسى 32 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، 12 ئادەم يارىلاندۇردى.
ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ كۆپ قىسمى ئېتىزلاردا ئىشلەۋاتقان ئەسنادا چاقماقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. ئاندىرا پىرادېشكە قاراشلىق گۇنتۇرادا بولسا ئاياللار كالتەك توپ مۇسابىقىسى ئويناۋاتقاندا چاقماق چېقىش ھادىسىسى يۈز بەردى. ماھىرلار ۋە تاماشىبىنلار ئىچىدە يارىلانغان ۋە ئۆلگەنلەر چىقمىدى.
ئۆلكە باشلىقى چاندرابابۇ نايدۇ قازا قىلغانلارنىڭ ھەر بىرى ئۈچۈن يېقىن-يورۇقلىرىغا 400مىڭ رۇپىي تۆلەم پۇلى بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ھىندىستاندا ھەر يىلى ئىيۇن ۋە سېنتەبىر ئايلىرى ئارىسىدا شىددەتلىك مۇسۇن يامغۇرى ياغىدۇ. بۇ مەزگىلدە چاقماق چېقىش ھادىسىسى سەۋەبىدىن ھەر يىل نۇرغۇن ئادەم قازا قىلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر