پارىژدا كۆچمەنلەر ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا بىر تۈركۈم كىشى كۆچمەنلەرنى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزدى.
375131
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق قىلغان چاقىرىقىغا بىنائەن، يۈزلەرچە كىشى كۆچمەنلەرنى قوللاش ئۈچۈن فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدىكى رېپۇبلىك مەيدانىغا يىغىلدى.
نامايىشقا بەزى سىياسىي پارتىيەلەر، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلات ئورگانلىرىمۇ قوللاپ ئاۋاز قوشتى.
نامايىشچىلار «ئىشىكلىرىمىزنى كۆچمەنلەرگە ئاچايلى»، «بېسىمغا ئۇچرىغان ھەر قانداق كىشىگە پاناھلىق تىلەش ھەققى بېرىلسۇن» دېگەن شوئارلارنى توۋلاشتى.
نامايىشتا يەنە تۈركىيەنىڭ بودرۇم شەھىرىدىكى بىر دېڭىز بويىدا جەسىتى تېپىلغان ئايلان كۇردىنىڭ رەسىمىمۇ كۆتۈرۈپ مېڭىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيەلىكلەر باشقا دۆلەتلەرگە چىقىپ كېتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
2024-يىلنىڭ دەسلەپكى 7 ئېيىدا 40 مىڭ ئىسرائىلىيەلىك دۆلەتنى تەرك ئەتتى.