گۋاتېمالا پىرېزىدېنتى مولىنا قولغا ئېلىندى
گۋاتېمالا پارلامېنتى چىرىكلىك قىلمىشلىرى بىلەن چېتىشلىقى بار دەپ ئەيىبلىنىپ قانۇنىي قوغدىنىش ھوقۇقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان پىرېزىدېنت ئوتتو پېرېز مولىنانىڭ ئىستېپانامىسىنى قوبۇل قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جىددىي يىغىن چاقىرغان پارلامېنت بۇ ھەقتە ئېلىنغان قارارنى جاكارلىغاندىن كېيىن، مولىنانىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە سوتلاش باسقۇچىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملىنىشى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ھەربىي تۈرمىگە قامالغان مولىنا چىرىكلىك قىلمىشلىرى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىنى يەنە بىر قېتىم رەت قىلدى.
مولىنا، «قانۇنغا تولۇق ئىشىنىمەن، دۆلىتىمنى تەرك ئېتىش خىيالىمغىمۇ كىرىم چىقمىدى» دېدى.
ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن مولىنانىڭ ئورنىغا مۇئاۋىن پىرېزىدېنت مالدونادو ۋەزىپىگە تەيىنلەندى.
مالدونادو، قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن مىنىستىرلار كېڭىشى ئەزالىرى بىلەن ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.
مولىنانىڭ گۋاتېمالانى 120 مىليون دوللارلىق زىيانغا ئۇچراتقان چىرىكلىك دېلوسى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ھەجدە ۋاپات بولغانلارنىڭ سانى 1300 دىن ئاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/de7a/4a07/b475/666eac96c0472.jpg?time=1719215543)
ھەجدە ۋاپات بولغانلارنىڭ سانى 1300 دىن ئاشتى
سەئۇدى ئەرەبىستاندا ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلش جەريانىدا 1301 كىشىنىڭ ۋاپات بولغانلىقى ئېلان قىلىندى.