ياۋروپاغا كۆچۈش ھەرىكىتى داۋاملاشماقتا

ئاقدېڭىز ئارقىلىق كەڭ كۆلەملىك ياۋروپاغا كۆچۈش ھەرىكىتى داۋاملاشماقتا.

373954
 ياۋروپاغا كۆچۈش ھەرىكىتى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقدېڭىزدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان نورۋېگىيە دېڭىز ئارمىيەسىگە قاراشلىق بىر ئۇرۇش پاراخوتى دېڭىزدىن قۇتقۇزۇۋالغان 800 ئەتراپىدىكى قانۇنسىز كۆچمەننى ئىتالىيەنىڭ ساردۇنيا ئارىلىغا ئېلىپ باردى.
قۇتقۇزۇۋېلىنغانلار ئارىسىدا ھامىلدار ئاياللار بىلەن نارىسىدە بالىلارمۇ بار ئىدى.
ئىسپانىيەنىڭ كاناريا ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىدىمۇ 40 قانۇنسىز كۆچمەن قۇتۇلدۇرۇۋېلىندى.
قارشى قىرغاققا يېتىپ بارالمىغانلارنىڭ جەسەتلىرى بولسا لىۋىيە ساھىللىرىغا ئۇرۇلماقتا.
لىۋىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتى زۇۋارا دېڭىز تەۋەلىكىدە ساھىلغا ئۇرۇلغان 3 ى نارىسىدە بالا بولۇپ، جەمئىي 17 كىشىنىڭ جەسىتىنى تاپتى.
زۇۋارادا ئۆتكەن ھەپتىدىن تارتىپ ھازىرغىچە تېپىلغان جەسەتلەرنىڭ سانى 160 قا يەتتى.
لىۋىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە ئۆتكەن ھەپتىمۇ 2 كېمىنىڭ چۆكۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 500 كىشى غەرق بولۇپ كەتكەنىدى.
بۇ ئارىلىقتا، كۆچمەنلەر سەلدەك ئېقىۋاتقان ۋېنگىرىيەنىڭ پايتەختى بۇداپېشتتىكى كېلېتى پويىز ئىستانسىسىنىڭ ۋەزىيىتى قالايمىقانلىشىپ كەتتى.
ۋېنگىرىيە دۈشەنبە كۈنى مىڭغا يېقىن قانۇنسىز كۆچمەننىڭ پويىز ئارقىلىق غەرب ئەللىرىگە كېتىشىگە رۇخسەت قىلغانىدى.
ئارىدىن 24 سائەت ئۆتكەندىن كېيىن كۆچمەنلەرنىڭ پويىزغا چىقىشىغا يول قويمىغان ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتى پويىز ئىستانسىسىنى كۆچمەنلەرنىڭ كىرىشىسىگە تاقىدى.
بۈگۈن ئەتىگەن كۆچمەنلەرنىڭ پويىز ئىستانسىسىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنىشىدىن كېيىن تەخمىنەن 300 كۆچمەن ئولتۇرغان پويىز غەربىي ياۋروپاغا قاراپ يولغا چىقتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر