يەمەندە بىر جامەدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

يەمەننىڭ پايتەختى سەنئادا بىر جامە نىشان قىلىنغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 32كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئونلارچە كىشى يارىلاندى.

373703
يەمەندە بىر جامەدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەنئادىكى شىئە جامەسىدە شام نامىزى قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە ئارقا - ئارقىدىن 2 پارتلاش مەيدانغا كەلدى.
بىرىنچى قېتىملىق ھۇجۇمنىڭ ئادەم بومبا، ئىككىنچىسىنىڭ ئاپتوموبىل بومبا ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغانلىقى جاكارلاندى.
ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى دائېش ئۆز ئىچىگە ئالدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر