ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى 4 پەلەستىن پۇخراسىنى قولغا ئالدى

جەنىن ۋالىيسى ئىبراھىم رامازان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئەل ھەدەف مەھەللىسى ۋە جەنىن پاناھلانغۇچىلار لاگىرى ئەتراپىدا نۇرغۇنلىغان ئۆيلەرنى قورشاۋغا ئالغانلىقى سەۋەبىدىن توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

341668
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى 4 پەلەستىن پۇخراسىنى قولغا ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 4 نەپەر پەلەستىن پۇخراسىنى قولغا ئالدى.
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى جەنىن پاناھلانغۇچىلار لاگىرى ئەتراپىدا، بېسىپ كىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. قارشىلىق كۆرسەتكەن پەلەستىن پۇخرالىرىغا پىلاستىك ئوق ۋە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىشلىتىپ مۇداخىلە قىلدى.
جەنىن ۋالىيسى ئىبراھىم رامازان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئەل ھەدەف مەھەللىسى ۋە جەنىن پاناھلانغۇچىلار لاگىرى ئەتراپىدا نۇرغۇنلىغان ئۆيلەرنى قورشاۋغا ئالغانلىقى سەۋەبىدىن توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.
توقۇنۇشتا 6 نەپەر پەلەستىنلىك يارىدار بولدى. ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى 4 نەپەر پەلەستىن پۇخراسىنى قولغا ئالدى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى راديوسى تۇتۇش ھەرىكىتى جەريانىدا 1 نەپەر ئىسرائىلىيە ئەسكرىنىڭ ئېغىر يارىدار بولغانلىقىنى ئېلگىرى سۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر