خىتاي زەپەر كۈنىنى تەبرىكلەشكە تەييارلانماقتا
خىتاي 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ 70-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەربىي پاراتتىن ئۆتۈش مۈراسىمى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلانماقتا.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي 3-سېنتەبىر پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدىكى تيەنئەنمىن مەيدانىدا 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ 70-يىللىقىدا زەپەر كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن داغدۇغىلىق ھەربىي پاراتتىن ئۆتۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلانماقتا.
رۇسىيە پىرىزدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن 2-سېنتەبىردە بۇ مۇراسىم ئۈچۈن بېيجىڭغا بارىدۇ. پۇتىننىڭ بېيجىڭ زىيارىتى ئەسناسىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 20دىن ئارتۇق كېلىشىم ئىمزالىنىشىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلدى.
قازاقىستان پىرىزېدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋمۇ بېيجىڭدا زىيارەتتە بولماقتا. خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن نەزەربايېۋ، 3-سېنتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەربىي پارات مۇراسىمىغىمۇ قاتنىشىدۇ.
ھەربىي پارات مۇراسىملىرىغا جەنۇبىي ۋە شىمالىي كورىيە رەھبەرلىرى بىلەن رايون دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت باشلىقلىرىمۇ ئىشتىراك قىلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/3cc3/db28/e5e7/571459f87d3d8.jpg?time=1719188270)
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.