ياۋروپا ئادەم ئەتكەسچىلىككە قارشى تەدبىرلەرنى كۈچەيمەكتە

ياۋروپادا ئادەم ئەتكەسچىلىككە قارشى خىزمەتلەرنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تەدبىرلەرنى كۈچەيتمەكتە.

371608
ياۋروپا ئادەم ئەتكەسچىلىككە قارشى تەدبىرلەرنى كۈچەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 71 قانۇنسىز كۆچمەننىڭ ئاۋستىرىيەدە بىر يۈك ماشىنىسىنىڭ ئىچىدىن چىققان جەسىتى ياۋروپادا ئادەم ئەتكەسچىلىككە قارشى خىزمەتلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىش مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى.
ئادەم ئەتكەسچىلىككە قارشى ۋېنگىرىيە ساقچىلىرى بىلەن بۇلغار ساقچىلىرى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدۇ.
كۆچمەنلەر ياخشى كۈن كۆرۈش ئۈچۈن جاپالىق ۋە ئۇزۇن سەپەرلەرگە چىقماقتا. ئۇلار شارائىتلىرى تولىمۇ ناچار مۇساپىرلار لاگېرلىرىدا تۇرمۇش كەچۈرمەكتە. ئاۋىستىرىيەنىڭ پايتەختى ۋىياناغا يېقىن بىر مۇساپىر لاگېرىدا تىراگېدىيە يۈز بەردى.
1950-يىللاردا 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى كۆچمەنلەرنىڭ تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن سېلىنغان بۇ لاگېر ھەم كونىلىقى ھەمدە بۇ كۈنلەردە كېلىۋاتقان كۆچمەنلەرنىڭ كۆپلۈكى سەۋەبىدىن پات-پات تىراگېدىيەلىك ۋەقەلەرگە سەھنە بولۇپ كەلمەكتە.
1800 كىشىلىك لاگېردا 4500 كۆچمەن ناھايىتى جاپالىق شارائىتلاردا تۇرمۇش كەچۈرمەكتە. ئاۋسىتىرىيەگە بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا كۆچمەن بولۇش ئۈچۈن تىزىمغا ئالدۇرغانلارنىڭ سانى 28مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.
بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە كۆچمەن بولۇش ئۈچۈن تىزىمغا ئالدۇرغانلارنىڭ سانى 185 مىڭغا يەتكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر