دائېش بازىلىرى ئۈزلۈكسىز بومباردىمان قىلىنماقتا

بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ ئىراقتا دائىش نىشانلىرىغا 13 قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقى ئېلان قىلىندى. سۈرىيەدە بولسا 7 قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلدى.

341255
دائېش بازىلىرى ئۈزلۈكسىز بومباردىمان قىلىنماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى خەلقئارا بىرلەشمە قىسىمنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشلىرى داۋاملاشماقتا.
بىرلەشمە ئارمىيە كۈرەش دائىرىسىدە بۇ نۆۋەت ئىراق ۋە سۈرىيەدە جەمئىي 20 قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم ئېلىپ باردى.
بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ ئىراقتا دائىش نىشانلىرىغا 13 قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقى ئېلان قىلىندى. سۈرىيەدە بولسا 7 قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلدى.
ۋەسىيە رايونىدا 3 قېتىم، كوبانى، ھەسەكە، راككا ۋە ھەلەپ ئەتراپىدا بولسا، بىر قېتىمدىن ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلدى.
ھۇجۇمدا تېررورلۇق تەشكلاتىنىڭ تاكتىكىلىق نۇقتىلىرى ۋە ئۇرۇش بازىلىرى نىشان قىلىندى.
بۇ ئارىلىقتا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ھەلەپ شەھىرىگە قاراشلىق مارى ناھىيەسىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا ناھىيەدىن قېچىپ چىقىۋاتقانلارغا قارىتا بومبا ئاپتوموبىل ھۇجۇمى ئېلىپ باردى.
ھۇجۇمدا 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ 4 كىشى يارىدار بولدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر