چادتا 10 كىشى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

چادتا 15 – ئىيۇن كۈنى يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بېرىش جىنايىتى بىلەن سوتلاتقان 10 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى.

341341
چادتا 10 كىشى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاد ئالىي سوت مەھكىمىسى پايتەخت نېجامېنادا 15 – ئىيۇن كۈنى 28 كىشىنىڭ جېنىغا زامېن بولغان، 57 سى ئېغىر بولۇپ، جەمئىي 101 كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بومبا ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بېرىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانغان بوكو ھارام ئەزاسى 10 كىشىنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
چارشەنبە كۈنى باشلانغان سوتتا جاۋابكارلار ئادەم ئۆلتۈرۈش، جىنايى تەشكىلات قۇرۇش، بومبا ھۇجۇملىرى ئېلىپ بېرىش، ھەربىي ئەسلىھەلەر ۋە قورال – ياراغلارنى ساقلاش، زەھەت ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر