كەشمىردە توقۇنۇش يۈز بېرىپ 8 پۇقرا ئۆلدى

ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى تالاش – تارتىشلىق رايون كەشمىردە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 8 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى، 70 پۇقرا يارىلاندى.

370895
كەشمىردە توقۇنۇش يۈز بېرىپ 8 پۇقرا ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەشمىرنىڭ پاكىستان تەرىپىدىمۇ 5 پۇقرا قازا قىلدى، يارىلانغان 48 كىشى ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. كەشمىرنىڭ ھىندىستان تەرىپىدە بولسا 3 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى، 22 كىشى يارىلاندى.
تەرەپلەر بىر – بىرىنى ئەيىبلىمەكتە.
رايوننىڭ ۋەزىيىتى بۇلتۇر ئۆكتەبىر ئېيىدا كەسكىنلىشىپ كەتكەن، بۇ جەرياندا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا 18 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.
ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىلىرى سەۋىيەسىدە ئېلىپ بېرىلىشى پىلانلىنىۋاتقان تىنچلىق سۆھبەتلىرىمۇ توقۇنۇشلار تۈپەيلى ئىشقا ئاشۇرۇلالمايۋاتىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر