تيەنجىندىكى پارتلاشقا چېتىشلىق 12 كىشى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

خىتاي دائىرىلىرى تىيەنجىندە مەيدانغا كەلگەن زور كۆلەملىك پارتلاش ۋەقەسىگە چېتىشلىق 12 گۇماندارنى نازارەت ئاستىغا ئالدى.

370032
تيەنجىندىكى پارتلاشقا چېتىشلىق 12 كىشى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى بۈگۈن (پەيشەنبە) مۇشۇ ئاينىڭ 12 – كۈنى تيەنجىندە مەيدانغا كېلىپ، 139 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە بىر پورتنى ۋەيران قىلىپ تاشلىغان زور كۆلەملىك ئىككى پارتلاش ۋەقەسىگە چېتىشلىق 12 كىشىنى نازارەت ئاستىغا ئالدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، تۇتۇلغانلارنىڭ ئارىسىدا رۇيخەي شىركىتىنىڭ باش خوجايىنى، مۇئاۋىن باشلىقى ۋە شىركەتتىكى ئۈچ مۇئاۋىن مۇدىرنىڭ بارلىقى قەيت قىلىندى. نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلار ئىچىدىكى باشقا 7 كىشىنىڭ ئىسمى ۋە سالاھىيىتى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر