سەئۇدى ئەرەبىستاندا كورونا ۋىرۇسى يەنە جان ئالدى

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئېغىر دەرىجىدە نەپەس يېتىشمەسلىك كېسەللىكلىرىنىڭ بىر تۈرى بولغان كورونا ۋىرۇسى ھەمدە مەرس ۋە كوۋ ۋىرۇسى ۋەقەلىرى ئاشماقتا.

369753
سەئۇدى ئەرەبىستاندا كورونا ۋىرۇسى يەنە جان ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاندا كورونا ۋىرۇسى 6 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
ھاياتىدىن ئايرىغلانلار ئارىسىدا 2 نەپەر ئايالنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.
سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئېغىر دەرىجىدە نەپەس يېتىشمەسلىك كېسەللىكلىرىنىڭ بىر تۈرى بولغان كورونا ۋىرۇسى ھەمدە مەرس ۋە كوۋ ۋىرۇسى ۋەقەلىرى ئاشماقتا.
سەئۇدى ئەرەبىستان سەھىيە مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە پايتەخت رىيادتا 56 ياشتىن 87 ياشقىچە بولغان 8 كىشىدە كورونا ۋىرۇسى بايقالغانلىقى قەيت قىلىندى.
ۋىرۇس ئەڭ دەسلەپ بايقالغان 2012 – يىل سىنتەبىر ئېيىدىن بۇيان ھاياتىدىن ئايرىغلانلارنىڭ سانى 498 گە يەتكەنلىكى، بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 1162 بولغانلىقى ھەمدە بۇلاردىن 598 كىشنىڭ داۋالىنىپ ساقايغانلىقى، 66 كىشىنىڭ ھازىرمۇ داۋالىنىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنى ئەندىشىگە سىلىۋاتقان كورونا ۋىرۇسى ئۆپكە ۋە بۆرەكنى كاردىن چىقرىدۇ. ئىممۇنېت كۈچىنى يوقۇتۇپ تاشلايدۇ. بۇ ۋىرۇسنىڭ بېمار بىلەن يېقىن تۇرۇشتىن يۇقۇملىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى تېخىچە ئېنىقلانمىغان بولغاچقا ئۇنىڭغا قارشى ۋاكېسىن ئىشلەپچىقىرىلمىدى ھەمدە ئانتىبىيۇتىك داۋالاش شەكلىمۇ يوق.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر