«دائېش نېمە ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قوزغىمايدۇ»

Independent گېزىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مۇخبىرى روبېرت فىسك دائېشنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قوزغىمايدىنلىقى ئۈستىدە توختالدى.

369077
«دائېش نېمە ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قوزغىمايدۇ»

تۈركىيەدىكى مەلۇم بىر گېزىتتە خەۋەر قىلىشىچە، Independent گېزىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مۇخبىرى روبېرت فىسك تۈنۈگۈنكى ماقالىسىدا ئىسرائىلىيە بىلەن دائېش ئوتتۇرىسىدا زادى قانداق مۇناسىۋەت بارلىقى ئۈستىدە توختالغان.
روبېرت فىسك ماقالىسىدا «دائېش نېمىشقا ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قوزغىمايدۇ» دېگەن سوئالغا جاۋاب تاپماقچى بولغان. ئۇ ماقالىسىدا «دائېش مۇخبىرلارنى قەتلى قىلماقتا، بىراق بىز دائېش ئۈستىدە ئوبىكتىپ ئانالىز ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى. ئۇ مۇخبىرلار ۋە ژۇرنالىستلارنىڭ دائېش كاتتىۋاشلىرى پەقەتلا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلمەيدىغان مەسىلىلەرگە مەركەزلىشىشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. فىسكنىڭ ماقالىسىنىڭ داۋامىدا « دائېش نېمە ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قوزغىمايدۇ؟ ئەھلى سەلبلەر، شىئەلەر، خىرىستىيانلار ۋە بەزىدە يەھۇدىيلاردىن نەپرەتلىنىدىغانلىقلىرىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىدۇيۇ، ‹ئىسرائىلىيە›دېگەن سۆزنى ئېغىزغىمۇ ئېلىپ قويمايدۇ؟ ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەگە قاراتقان ھۇجۇملىرى نېمە ئۈچۈن دائىم ھۆكۈمەت بىلەن سۈرىيە تەرەپدارى بولغان ئىران كۈچلىرىنى نىشان قىلىدۇ، دائېش نېمە ئۈچۈن نىشان قىلىنمايدۇ؟» دېگەن سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر