ئىككى كورېيە يىرىكچىلىكنى پەسەيتىشنىڭ چارىلىرىنى ئىزدىمەكتە

شىمالىي كورېيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئارىسىدىكى داۋاملىشىۋاتقان سوغۇقچىلىقنى ھەل قىلىشنىڭ چارىلىرى ئۈستىدە باش قاتۇرماقتا.

340108
ئىككى كورېيە يىرىكچىلىكنى پەسەيتىشنىڭ چارىلىرىنى ئىزدىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئارىسىدىكى داۋاملىشىۋاتقان سوغۇقچىلىقنى ھەل قىلىشنىڭ چارىلىرى ئۈستىدە باش قاتۇرماقتا.

بۇ دائىرىدە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىلىرى ئۆزئارا ئۇچرىشىپ سۆھبەت ئۆتكۈزدى، لېكىن، 10 سائەت داۋاملاشقان سۆھبەت ئۈنۈمسىز ئاخىرلاشتى.

ئىككىنچى باسقۇچلۇق سۆھبەتتە جەنۇبىي كورېيە ھەيئىتى شىمالىي كورېيەنىڭ چېگراغا توپچى قىسىملارنى، دېڭىزغا بولسا، سۇ ئاستى ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ئەۋەتىش ئارقىلىق سۆھبەت مۇساپىسىگە دەخلى يەتكۈزگەنلىكىنى ئېيتتى. بۇ قاراش تۈپەيلى، سۆھبەتلەردە ھازىرچە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنالمىدى.

جەنۇبىي كورېيەنىڭ چېگرادا پارتلىغان مىنالارنىڭ جاۋابكارىنىڭ شىمالىي كورېيە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئاخىرقى قېتىملىق دەتالاشنىڭ پىلتىسىگە ئوت تۇتاشتۇرغانىدى. ئارقىدىنلا نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە چېگرادا ياڭراق ئاۋازدا تەشۋىقات ماتېرىيالى ئاڭلاتقان جەنۇبىي كورېيە شىمال تەرەپنىڭ زەمبىرەكلىك ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، نەتىجىدە ئىككى تەرەپ بىر – بىرىگە زەمبىرەك ئېتىشقانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر