ئەزەربەيجان- ئەرمېنىيە چېگرىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەردى

ئەزەربەيجان- ئەرمېنىيە چېگرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 5 ئەسكەر ئۆلدى، نۇرغۇن ئەسكەر يارىلاندى.

339971
ئەزەربەيجان- ئەرمېنىيە چېگرىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان- ئەرمېنىيە چېگرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 5 ئەرمەنى ئەسكىرى ئۆلدى، 8ى يارىلاندى.
ئەزەربەيجان مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەرمېنىيە ئارمىيەسى ئاغدام بىلەن غوجائاۋەند رايونلىرىغا ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلغان.
ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىغا قايتۇرما ھۇجۇم قايتۇرغان. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 5 ئەرمەنى ئەسكىرى ئۆلدى، 8ى يارىلاندى. 3 ئەزەربەيجان ئەسكىرى يارىلاندى، يارىلانغان ئەسكەرلەر داۋالانغاندىن كېيىن ۋەزىپە ئۆتەشكە ماڭدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر