رۇسىيە قىتئەلەر ئارا بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى
رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسىملىرى، رۇسىيەنىڭ RS-12 ناملىق قىتئەلەر ئارا بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى غەلىبىلىك سىناق قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
339315
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسىملىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، RS-12M ‹تورپول› ناملىق قىتئەلەر ئارا بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ ئاستراخان شەھىرىدىكى ‹كاپۇستىن يار› سۇپىسىدىن قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
باياناتتا، باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ قازاقىستاندىكى ‹سارى – شاگان› سۇپىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان نىشانغا دەل تەگكەنلىكى قەيت قىلىندى.
ئىگىلىنىشىچە، ئېغىرلىقى 45 توننىغا يېقىنلىشىپ قالىدىغان RS-12M ‹تورپول› ناملىق قىتئەلەر ئارا بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا، 10 مىڭ كىلومېتىر يىراقلىققا ئۇرۇش بېشى ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن.