ۋېنېزۇئېلا كولۇمبىيە چېگرىسىنى مۇددەتسىز تاقىۋەتتى

ۋېنېزۇئېلا كولۇمبىيە چېگرا ئېغىزلىرىدىن بىرىنى مۇددەتسىز تاقىۋەتتى.

338998
ۋېنېزۇئېلا كولۇمبىيە چېگرىسىنى مۇددەتسىز تاقىۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلا كولۇمبىيە بىلەن بولغان چېگرا ئېغىزلىرىدىن بىرىنى مۇددەتسىز تاقىۋەتتى.
چېگرىدىكى بەزى ناھىيەلەردىمۇ 60 كۈنلۈك جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى. چېگرا ئېغىزى چارشەنبە كۈنى ئەتكەسچىلەرنىڭ ئۈچ ئەسكەر بىلەن بەزى پۇقرالارنى يارىلاندۇرۇشىدىن كېيىن تاقىۋېتىلگەنىدى.
ۋېنېزۇئېلا پىرىزېدېنتى نىكولاس مادۇرو چېگرا ئېغىزىنىڭ ئەتكەسچىلەرنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلىرىغا توسالغۇ بولۇش ئۈچۈن تاقىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
كولومبىيە پىرىزېدېنتى جۇئان مانۇئېل سانتوس چېگرا ئېغىزىنىڭ تاقىۋېتىلىشىنىڭ بىگۇناھ كىشىلەرگە زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ۋە ئەتكەسچىلەرنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدا يوقىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
2200 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى چېگرا ئەتكەسچىلىك، زەھەرلىك چېكىملىك ۋە تېررورىزىم قاتارلىق جىنايەتلەر ۋېنېزۇئېلا-كولۇمبىيە مۇناسىۋىتىنىڭ پات-پات يىرىكلىشىشىگە سەۋەب بولۇپ كەلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر