ناتو ئاپتوموبىللىرى ئادەم بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدىي تەشكىلاتى – ناتونىڭ ئاپتوموبىللىرى ئادەم بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

339155
ناتو ئاپتوموبىللىرى ئادەم بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدىي تەشكىلاتى – ناتونىڭ ئاپتوموبىللىرى ئادەم بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى؛ ۋەقەدە 12 ئادەم ئۆلدى، ئونلارچە ئادەم يارىلاندى.

ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا ناتو بىلەن ئارىسىدا كېلىشىم تۈزۈلگەن شىركەتلەردە ئىشلەيدىغان 3 كىشىنىڭ بارلىقى، يارىدارلارنىڭ ئىچىدە ئاياللار ۋە بالىلارنىڭمۇ بارلىقى ئەسكەرتىلدى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھازىرغىچە ھېچقانداق تەرەپ ئۈستىگە ئالمىغان بولسىمۇ، تالىبان يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان ئافغانىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرغانىدى.

ئۆتكەن ئاي تالىبان لىدېرى موللا ئۆمەرنىڭ ئۆلگەنلىكىنىڭ ئېلان قىلىنىشىدىن كېيىن، تەشكىلات بىلەن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى تىنچلىق سۆھبەتلىرى كېچىكتۈرۈلگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر