ئەسەد قىسىملىرى ئىككى يىلدا 125 قېتىم خىمىيىۋى قورال ئىشلەتكەن

سۈرىيە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ئىككى يىلدا 125 قېتىم خىمىيىۋى قورال ئىشلەتكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

335856
ئەسەد قىسىملىرى ئىككى يىلدا 125 قېتىم خىمىيىۋى قورال ئىشلەتكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى ئەسەد قىسىملىرى ئېلىپ بارغان گۇتا قەتلىئامىنىڭ 2-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دوكلات ئېلان قىلدى.
دوكلاتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ خىمىيىۋى قوراللار سۈرىيەدىن چىقىرىلىپ يوق قىلىنىشىنى مەزمۇن قىلغان «2218 نومۇرلۇق» قارارىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئەسەد قىسىملىرىنىڭ خىمىيىۋى قوراللارنى ئىشلىتىپ ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرى تەپسىلىي بايان قىلىندى.
دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارىدىن ئىلگىرى 2012-يىلى 23-دېكابىردىن 2013-يىلى 27-سىنتەبىرغىچە بولغان مەزگىلدە، ئەسەد قىسىملىرى 33 قېتىم خىمىيىۋى قورال ئىشلەتكەن. ھۇجۇملارنىڭ 20سى پايتەخت دەمەشق ئەتراپىغا، قالغانلىرى ھالەپ، ئىدلىب ۋە ھۇمۇسقا قىلىنغان. ئەسەد قىسىملىرى 2013-يىلى 27-سىنتەبىردىكى ب د ت خەۋپىسىزلىك قارارىدىن كېيىن يەنە 125 قېتىم خىمىيىۋى قورال ئىشلىتىپ«ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارىغا زىت ھەرىكەت قىلىپ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان.»
دوكلاتتا يەنە ئەسەد قىسىملىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش تىزگىنى ئاستىدىكى رايونلاردىن بەكرەك، ئۆكتىچىلەرنىڭ تىزگنى ئاستىدىكى رايونلارغا خىمىيىۋى قوراللارنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئەسەد قىسىملىرى 2013-يىلى 20-ئاۋغۇستتا پايتەختنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بىر رايونغا خىمىيىلىك گاز ئاتقاندا، ئۇيقۇ ھالىتىدىكى 1300 كىشى ئۆلگەن، 3600 كىشى زەھەرلەنگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر