«تىيەنجىندىكى پارتلاش ۋەقەسى مۇز تاغنىڭ بىر پارچىسى، خالاس»

مۇھىت ئاسراش ئورگىنى يېشىللىق ۋە تىنچلىق تەشكىلاتى تىيەنجىندىكى پارتلاش ۋەقەسىنىڭ مۇز تاغنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

335330
«تىيەنجىندىكى پارتلاش ۋەقەسى مۇز تاغنىڭ بىر پارچىسى، خالاس»

مۇھىت ئاسراش ئورگىنى يېشىللىق ۋە تىنچلىق تەشكىلاتى سەيشەنبە كۈنى تىيەنجىندىكى پارتلاش ۋەقەسىنىڭ خىتايدىكى مۇز تاغنىڭ كۆرۈنگەن قىسمىلا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئەھۋالنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇملارنى باشقۇرۇش سىياسىتى ۋە بەلگىلىمىلىرىگە تولىمۇ سەل قاراپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى قىلدى.
تىيەنجىندە مەيدانغا كەلگەن پارتلاش ۋەقەسىدە 114 ئادەم ئۆلۈپ، 700دىن ئارتۇق يارىلانغانىدى، بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقە خىتاي سانائەت بىخەتەرلىكىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ۋە نوپۇسى كۈندىن-كۈنگە زىچلىشىۋاتقان شەھەرلەردە سانائەتنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ پەيدا قىلىدىغان خەتەرلىرىنى تولۇق كۆرسىتىپ بەردى.
مۇھىت ئاسراش ئورگىنى يېشىللىق ۋە تىنچلىق تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ئىشخانىسى سەيشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە دوكلات ئېلان قىلىپ، 12-ئاۋغۇستتا تىيەنجىندە مەيدانغا كەلگەن پارتلاش ۋەقەسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن يىلدىن بۇيان خەتەرلىك بۇيۇملارنى باشقۇرۇش سىياسىتىگە سەل قاراپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: «تىيەنجىندىكى پارتلاش ۋەقەسى مۇز تاغنىڭ كۆرۈنگەن بىر قىسمى، خالاس، بۇ يىل جياڭسۇ، فۇجيەن ۋە شەندۇڭ قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى بەزى خىمىيىۋى بۇيۇملار ئىستكىلاتلىرىدا 13 قېتىم پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى. ئۆتكەن يىلى نەنجىڭدىكى بىر خىمىيىۋى زاۋۇتىدىمۇ پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى، تىيەنجىندىكى پارتلاش ۋەقەسىنىڭ سەۋەبى ھازىرغىچە ئېنىقلانمىدى، شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدىكى، رۇيخەي شىركىتى ئىسكىلاتىدا نۇرغۇن خەتەرلىك بۇيۇملار ساقلىنىۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 700 توننىلىق زەھەرلىك ناترىي سيانىد بار.»
ئامېرىكىلىق جېننىفېر تۇرنېر خىمىيە سانائىتىنىڭ خىتاينىڭ ئەڭ ئاساسلىق سانائەت ساھەسى ئىكەنلىكىنى، بىراق باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.
تىيەنجىن رۇيخەي شىركىتىنىڭ خەتەرلىك بۇيۇملار ئىسكىلاتى بىلەن تۇرالغۇ رايونلارنىڭ ئارىلىقى پەقەت بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ۋە تۆمۈر يول ئايرىلىپ تۇرىدۇ، قىسقىسى بىر نەچچە يۈز مېتىرلا كېلىدۇ.
خىتاي ۋەنكى ئۆي-مۈلۈك شىركىتى دۈشەنبە كۈنى بۇ قېتىمى پارتلاش ۋەقەسىنىڭ ئەتراپتىكى 5000 ئائىلىنىڭ زىيانغا ئۇچراتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ ئەندىشىسىنى پەسەيتىش ئۈچۈن بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ پارتلاش سەۋەبى ئۈستىدە جىددىي تەكشۈرۈشلەرنى باشلىۋەتتى، ئىنتىزام كومىتېتى سەيشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلەپچىقىرىش نازارەت ئىدارىسى باشلىقى ياڭ دوڭ لىياڭ ئۈستىدە ھازىر «جىددىي تەكشۈرۈش» ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇيخەي شىركىتىنىڭ 10 خادىمىمۇ «خىزمەتتىن توختىتىلغان».
تىيەنجىندىكى پارتلاش ۋەقەسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىقتىسادىي زىياننىڭ ئومۇمىي سوممىسى 2 مىليارد يۈەنگە يەتكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر