ئىراق باش مىنىستىرى ئىبادىنىڭ خىتاي زىيارىتى كېچىكتۈرۈلدى

باياناتتا، «باش مىنىستىر ئىبادى  بەزى مۇھىم مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن چار شەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىشى پىلانغان خىتاي زىيارىتىنى كېچىكتۈردى» دېيىلدى.

332511
ئىراق باش مىنىستىرى ئىبادىنىڭ خىتاي زىيارىتى كېچىكتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەل ئىبادىنىڭ خىتايدا ئېلىپ بارماقچى بولغان زىيارىتىنىڭ ۋاقتى كېچىكتۈرلدى.
باش مىنىستىرلىقتىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، «باش مىنىستىر ئىبادى ئىراقنىڭ ئىچكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى، ئەنبار ۋە سالاھىددىن ۋىلايىتىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەر شۇنداقلا ماقۇللانغان ئىسلاھات قارارلىرى ۋە تەقىپ قىلىشقا تېگىشلىك بەزى مۇھىم مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن چار شەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىش پىلانغان خىتاي زىيارىتىنى كېچىكتۈردى» دېيىلدى.
خىتاي زىيارىتىنىڭ قايسى چاغدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.
مۇسۇلغا يېقىنلىقى ۋە شەھەردىكى نېفىت بازىلىرى سەۋەبىدىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ھېسابلىنىدىغان سالاھىددىن ۋىلايىتىگە قاراشلىق بەيجى ناھىيەسىدە تېررولۇق تەشكىلاتى دائېش بىلەن ئىراق ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا قاتتىق توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا.
دائېشنىڭ يېقىندىن بۇيان بەيجىدە بەزى رايونلارنىڭ كونتروللۇقىنى ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋالغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر