تيەنجىندىكى پارتلاشقا ئالاقىدار 10 ئادەم نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

خىتاينىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان پورت شەھەر تيەنجىندە مەيدانغا كەلگەن پارتلاش ۋەقەسىگە ئالاقىدار 10 ئادەمنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

331902
تيەنجىندىكى پارتلاشقا ئالاقىدار 10 ئادەم نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ ئالاقىدار ئەمەلدارلىرى، تيەنجىن پورتى خەلقئارا ئوبوروت مەركىزى رايوندىكى رۇيخەي شىركىتىنىڭ خەتەرلىك بۇيۇملار ئامبىرىدا مەيدانغا كەلگەن پارتلاش ۋەقەسى دائىرىسىدە شىركەتنىڭ خوجايىنى يۈ بىلەن ۋە ئۇنىڭ مۇئاۋىنى دۇ قاتارلىق 8 ئادەمنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بېيجىڭ دائىرىلىرى، پارتلاشقا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى، جاۋابكارلارنىڭ چوقۇم جازالىنىدىغانلىقىنى، پارتلاشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ يوشۇرۇپ قېلىنىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ بۇ جەھەتتە خاتىرجەم بولۇشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەنىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تيەنجىننىڭ بىنخەي رايونىدا پارتلاشتا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، مۇراسىمغا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 300 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

تيەنجىن پورتى خەلقئارا ئوبوروت مەركىزى رايوندىكى رۇيخەي شىركىتىنىڭ خەتەرلىك بۇيۇملار ئامبىرىدا 12- ئاۋغۇست پارتلاش يۈز بېرىپ، 114 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر