ھامانېي يادرو كېلىشىمنىڭ ئاقىۋىتى تولىمۇ مەجھۇل، دېدى

ئىراننىڭ دىنى رەھبىرى ئايەتۇللاھ ھامانېي ئىران بىلەن ب د ت خەۋپسىزلىك بەش دائىمىي ئەزاسى ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان يادرو كېلىشىمىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئېنىقىسز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

332103
ھامانېي يادرو كېلىشىمنىڭ ئاقىۋىتى تولىمۇ مەجھۇل، دېدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى؛ ئىراننىڭ دىنى رەھبىرى ئايەتۇللاھ ھامانېي ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى بەش دائىمىي ئەزاسى ۋە گېرمانىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان يادرو كېلىشىمىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.
ھامانېي مەزكۇر كېلىشىمنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىي جەھەتتىن ئىراننى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇش مەنىسىنى بىلدۈرمەيدىغانلىقىنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتتى. دىنى رەھبەر مەزكۇر كېلىشىمنىڭ ھەر ئىككى دۆلەتتە ماقۇللىنىپ ماقۇللانماسلىقىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.
ئامېرىكا مەجلىسىدە سېنتەبىردە ماقۇللىنىدىغان ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر رەت قىلىشى كۈتۈلىۋاتقان مەزكۇر كېلىشىم، ناۋادا ئۈچتە ئىككى رەت ئاۋازى ئېلىپ قالسا ئىجرا قىلىنمايدۇ.
ئىراندا بولسا مىللىي خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇلىدىغان كېلىشىمنىڭ پارلامېنتتىمۇ ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
290 ئورۇندۇقلۇق ئىران پارلامېنتىنىڭ 201 ئەزاسى، كېلىشىمنىڭ يەكشەنبە كۈنى پارلامېنتنىڭ ماقۇللىشىغا سۇنۇلۇشىنى تەلەپ قىلىپ بىر چاقىرىق ئېلان قىلغانىدى.
ئىراننىڭ دىنى رەھبىرى ئايەتۇللاھ ھامانېيمۇ ھازىرغىچە كېلىشىمنى ماقۇللىغانلىقىنى بىلدۈرمىدى، بىراق يادرو مۇزاكىرىلىرىغا باشلامچىلىق قىلغان ئىرانلىق دىپلوماتلارنى قوللاپ بايانات ئېلان قىلدى.
بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا 340 ھاھام (يەھۇدىي دىنى ئۆلمىلىرى) بىرلىكتە خىتابنامە ئېلان قىلىپ كېلىشىمنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر