ئىراق ھۆكۈمىتىنى ئىسلاھات پىلانىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىدى

ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت سەرپىياتىنى قىسقارتىش پىلانى دەئىرىسىدە ئىچكى كابىنت ئەزالىرىنىڭ سانى 33 تىن 22 گە قىسقارتىلدى.

330499
ئىراق ھۆكۈمىتىنى ئىسلاھات پىلانىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئابادى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان قارارلارغا ئاساسلانغاندا، 4 مىنىستىرلىق ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن، يەنە 4 مىنىستىرلىق باشقا مىنىستىرلىقلارغا قوشۇۋېتىلىدىكەن.

تارقىتىۋېتىلىدىغان مىنىستىرلىقلارنىڭ ئىچىدە ئاياللار ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مىنىستىرلىقىدىن سىرت يەنە ئىككى دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىمۇ بار ئىكەن.

ئۆتكەن ھەپتە ئۈچ مۇئاۋىن باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسى بىلەن ئۈچ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانىدى.

ئىراقتا ئالدىنقى ئاي ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ ناچارلىشىشى ۋە توك توختاپ كېتىش ئەھۋاللىرى تۈپەيلى كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار ئۆتكۈزۈلگەن، شىئەلەرنىڭ ئىراقتىكى ئەڭ نوپۇزلۇق دىنىي رەھبىرى ئايەتۇللاھ سىستانى ھۆكۈمەتنى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغانىدى.

باش مىنىستىر ئەلئابادىمۇ، 9- ئاۋغۇستتا بايانات بېرىپ، ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ سەرپىياتلىرىنى قىسقارتىشنى مەزمۇن قىلغان بىر تەسەررۇپ پىلانىنى جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلاشقانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر