نىگېرىيەدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى
بوكو ھارام تەشكىلاتى نىگېرىيەنىڭ بورنو ئۆلكىسىدىكى بىر بازار ئېغىزىدا پارتلىتىش ئېلىپ باردى.
329178
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتى، نىگېرىيەنىڭ بورنو ئۆلكىسىدىكى بىر بازارغا يېقىن يەردە ئادەم بومبا ھۇجۇمى سادىر قىلدى؛ ھۇجۇمدا ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسى بىلەن قوشۇلۇپ جەمئىي 4 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
بازارنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى تەكشۈرۈش مەركىزىدە مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا، ئۆلگەنلەردىن سىرت 7 ئادەم يارىلاندى.
بۇ جەرياندا نىگېرىيە ئارمىيەسى بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەڭ كۈچلۈك ھېسابلىنىدىغان سامبىسا دالاسىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى.