خامەنېينىڭ يادرو كېلىشىمىدىن مەمنۇن ئەمەسلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

‹كەيخان› گېزىتنىڭ باش تەھرىرى ھۇسەيىن شەرىئەتمەدارى، «خامەنېينىڭ يادرو كېلىشىمىدىن قەتئىي مەمنۇن ئەمەسلىكى» نى ئىلگىرى سۈردى.

329769
خامەنېينىڭ يادرو كېلىشىمىدىن مەمنۇن ئەمەسلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئالدىنقى قاتاردىكى گېزىتى ‹كەيخان› نىڭ ۋەكىلى ۋە گېزىتنىڭ باش تەھرىرى ھۇسەيىن شەرىئەتمەدارى، «خامەنېينىڭ يادرو كېلىشىمىدىن قەتئىي مەمنۇن ئەمەسلىكى» نى ئىلگىرى سۈردى.

شەرىئەتمەدارى ‹كەيخان› گېزىتىدىكى باش ماقالىسىدە خامەنېينىڭ يادرو كېلىشىمىدىن مەمنۇن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئۇ (خامەنېي) تەييارلانغان تېكىست (كېلىشىم) تىن قەتئىي رازى ئەمەس» دېدى.

شەرىئەتمەدارى ماقالىسىدە، كېلىشىمنىڭ كۆپلىگەن ماددىسىنىڭ ئىراننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان ھالدا، كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنىڭ ئىران ئۈچۈن «پاجىئە» بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ، ئىراننىڭ دىنى لىدېرى خامەنېينىڭ روزا ھېيت خۇتبىسىدىكى «كېلىشىم تېكىستى ماقۇللانسۇن ياكى ماقۇللانمىسۇن، ھېچكىم ئىراننىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ» دېگەن سۆزلىرىنىڭ ئۇنىڭ يادرو كېلىشىمىگە ئىشىنىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى.

ھەردائىم ئىراننىڭ ئىچكى – تاشقى سىياسىتىگە ئالاقىدار ئاخىرقى سۆز قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە دىنى لىدېر خامەنېي، يادرو كېلىشىمى ھەققىدىكى سۆزلىرىدە، دۆلەتنىڭ يادرو سۆھبىتى ھەيئىتىنىڭ تىرىشچانلىقلىرىغا يۇقىرى باھا بەرگەن بولسىمۇ، ھازىرغىچە كېلىشىمنى قوللايدىغان ياكى قوللىمايدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى.

ئىران بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ بەش دائىمىي ئەزاسى ۋە گېرمانىيە ئارىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم، ئىرانىڭ يادرو پائالىيەتلىرىنى قىسقارتىشى بەدىلىگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ قەدەممۇ قەدەم ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى مەزمۇن قىلىدۇ.

ئىراندىكى بەزى قاتلاملار، يادرو پائالىيەتلىرىنى قىسقارتىشقا ماقۇل بولۇش ئارقىلىق خامەنىي تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن يادرو سۆھبەتلىرىدىكى ئىراننىڭ ‹قىزىل سىزىقى› دىن ھالقىپ كېتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر