خىتاي ئامېرىكىلىق ئەمەلدارلارنىڭ ئىلخەتلىرىنى ئوغۇرلۇقچە ئوقىغان

NBC دا خەۋەر قىلىنىشچە، خىتاي ئاقسارايدىكى مەسئۇللارنىڭ ئىلخەتلىرىنى ئوغۇرلۇقچە ئوقۇش بىلەن بىرگە، شەخسىي مەلۇماتلىرىنى قولغا چۈشۈرگەن.

329401
خىتاي ئامېرىكىلىق ئەمەلدارلارنىڭ ئىلخەتلىرىنى ئوغۇرلۇقچە ئوقىغان

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۆلەت خادىملىرىنىڭ شەخسىي مەلۇماتلىرىنى ئوغرىلاش بىلەن ئەيىبلىگەن خىتاينىڭ، بۇ قېتىم ئاق ساراي مەسئۇللىرىنىڭ ئىلخەتلىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
NBC نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي 2010-يىلى ئاپرېلدا ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان جاسۇسلۇق پىروگراممىسى دائىرىسىدە نۇرغۇن ئاقساراي ئەمەلدارىنىڭ ئىلخەتلىرىنى ئوغۇرلۇقچە ئوقىغان. خىتاينىڭ بۇ ئىشتا قانچىلىك مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشكەنلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىسىمۇ، بىراق بەزى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ مەلۇماتلىرىنى قولغا چۈشۈرگەن.
ئالىي دەرىجىلىك بىر ئىستىخبارات مەسئۇلى خىتاينىڭ نۇرغۇن ئۇچۇرغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتمۈشتە خىتاينىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش ھۇجۇملىرىغا سېلىشتۇرغاندا نۇرغۇن ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى قولغا چۈشۈرگەن.
خىتاي بۇ قېتىمقى ئىلخەت ھۇجۇملاردىن ئىلگىرى ئامېرىكا خادىملىرى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنى نىشانغا ئېلىپ، ئەڭ ئاز 21 مىليون 500 مىڭ كىشىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى قولغا چۈشۈرگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر