گېرمانىيە تۈركىيەدىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرىدۇ

گېرمانىيە ھۆكۈمىتى، تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان گېرمانىيە ئەسكەرلىرىنى قايتۇرۇپ كېتىشكە تەييارلانماقتا.

329745
گېرمانىيە تۈركىيەدىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە ھۆكۈمىتى، ۋەتەنپەرۋەر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە قالقان سىستېمىسى دائىرىسىدە تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان گېرمانىيە ئەسكەرلىرىنى قايتۇرۇپ كېتىشكە تەييارلانماقتا.

گېرمانىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، «شىپېگېل ئونلاين» نىڭ گېرمانىيە ئەسكەرلىرىنىڭ تۈركىيەدىن چېكىنىپ چىقىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋىرىنى جەزملەشتۈردى.

مىنىستىرلىق باياناتچىسى، تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدىي تەشكىلاتى – ناتونىڭ ۋەتەنپەرۋەر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە قالقان سىستېمىسى دائىرىسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 250 گېرمانىيە ئەسكىرىنىڭ ئالدىمىزدىكى ئايلاردا چېكىندۈرۈلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

باياناتچى، چېكىنىش قارارىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن سۈرىيەدىن تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلىش خەۋپىنىڭ يوقلۇقى نەزەردە تۇتۇلۇپ چىقىرىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

گېرمانىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېنمۇ، دائېشقا ئىشارەت قىلغان ھالدا كىرىزىسلەر بىلەن داۋالغۇپ كەتكەن رايوندا باشقا خەۋپلەرنىڭ باش كۆتۈرگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە، گېرمانىيەنىڭ رايوندىكى ۋەدىلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان ھالدا، شىمالىي ئىراق، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە تۇرۇشلۇق ۋاقىتلىق قىسىملىرى ۋە ئاق دېڭىزنىڭ شەرقىدە ناتو سېپىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان گېرمانىيە ئەسكەرلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

تۈركىيەدىكى گېرمانىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدا 2016 – يىلى 31- يانۋارغىچە ئۇزارتىلغان بولۇپ، ئەسكەر سانىنىڭ 400 گە يەتكۈزۈلۈشىگە رۇخسەت قىلىنغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر