ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالدى
پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى - ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى قولغا چۈشۈرۈۋالدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماسنىڭ ھەربىي ئىشلار قانىتى ئىززۇددىن قەسسام بىرىگاداسى، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى قولغا چۈشۈرۈۋالدى.
ئىززۇددىن قەسسام بىرىگاداسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، 22- ئىيۇلدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش تاكتىكىلىرى ئارقىلىق كونترول قىلىنىپ زېمىنغا قوندۇرۇۋېلىنغاندىن كېيىن، تەشكىلاتنىڭ تېخنىك خادىملىرى تەرىپىدىن چۇۋۇلۇپ، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلۈپ قايتا قۇراشتۇرۇلغانلىقى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىززۇددىن قەسسام بىرىگاداسىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى سېپىگە قېتىلغانلىقى قەيت قىلىندى.
باياناتتا، «ئىززۇددىن قەسسام بىرىگاداسى بۇ غەلىبىنى پەلەستىن خەلقىگە بېغىشلايدۇ. دۈشمەن ئۇلارنى كۈزىتىپ تۇرۇۋاتقانلىقىمىزنى بىلىشى كېرەك» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن ئاجرىتىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ھەجدە ۋاپات بولغانلارنىڭ سانى 1300 دىن ئاشتى
سەئۇدى ئەرەبىستاندا ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلش جەريانىدا 1301 كىشىنىڭ ۋاپات بولغانلىقى ئېلان قىلىندى.