پاكىستان – ئافغانىستان چېگراسىدا 5.9 بال يەر تەۋرىدى
دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، يەر تەۋرەشتە ھېچقانداق ئۆلۈم – يېتىم ھادىسىسى ۋە ئىقتىسادىي زىيان كۆرۈلمىگەن.
321306
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا گېئولوگىيە تەتقىقات مەركىزىي پاكىستان – ئافغانىستان چېگراسىدا يەر تەۋىگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا گېئولوگىيە تەتقىقات مەركىزىي بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ ئاشكاشام شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 34 كىلومېتىر كېلىدىغان جاي ئىكەنلىكىنى ۋە يەردىن 209 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش پاكىستان ۋە ھىندىستاندىمۇ ھېس قىلىنغان بولۇپ، ئىسلامئاباد، كابۇل ۋە يېڭى دېھلىدىكى كىشىلەر پاتپاراق بولۇپ كەتكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
پۇتىن ئەتە قەسەم بېرىپ، يېڭى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى باشلايدۇ
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئەتە (7- مايدا) قەسەم بېرىپ، يېڭى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى باشلايدۇ.