يەمەندە 31 قوراللىق ھۇسىي ئۆلدى

يەمەننىڭ ئوخشىمىغان شەھەرلىرىدە يۈز بەرگەن ئېتىشىشلاردا ھۇسىي ئەنسارۇللاھ ھەرىكىتى بىلەن تەختتىن چۈشۈرۈلگەن ئەلى ئابدۇللاھ سالھ تەرەپدارى 31 قوراللىق ھۇسىي ئۆلدى، 15 ھۇسىي يارىلاندى.

317486
يەمەندە 31 قوراللىق ھۇسىي ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلقىدىكى بىرلەشمە قىسىمنىڭ ئەبيەن شەھىرىنىڭ مەركىزىي زىنجەبار بىلەن دۇفس ۋە ئەلكۇد رايونىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا، ھۇسىي ئەنسارۇللاھ ھەرىكىتى بىلەن تەختتىن چۈشۈرۈلگەن پىرېزىدېنت ئابدۇللاھ سالىھ تەرەپدارى 20 قوراللىق ھۇسىي ئۆلدى.
تائىز ۋىلايىتىدە بولسا، پىرېزىدېنت ئابدۇرەببۇ مەنسۇر ھادى تەرەپدارى «خەلق قارشىلىق كۆرسىتىش قىسمى» بىلەن ھۇسىي ئەنسارۇللاھ ھەرىكىتى ئارىسىدا چىققان ئېقتىشىشلاردا، تۆت ھۇسىي ئۆلدى، 15 ھۇسىي يارىلاندى. خەلق قارشىلىق كۆرسىتىش قىسمىنىڭ بەيدا ۋىلايتىدە ھۇسىي ئەنسارۇللاھ ھەرىكىتىگە تەۋە كوچا چارلاۋاتقان ئاپتوموبىلىغا قىلغان ھۇجۇمىدا، يەتتە ھۇسىي ئۆلدى.
بىرلەشمە قىسىم بەيدا ۋىلايىتى بىلەن مارىبتىكى جۇفەينە رايونىدىكى ھۇسىيلارغا ئائىت نىشانلارنى 10 قېتىمدىن ئارتۇق ھاۋادىن بومباردىمان قىلدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىم يەمەندە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن توقۇنۇشقان ھۇسىيلارنىڭ ئىلگىرىلىشىنى توسۇش ئۈچۈن مارت ئېيىدا ھەربىي ھەرىكەت باشلىغان ئىدى


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر