ئافرىقىلىق موزدۇزلار خىتاي ئاياغلىرىدىن قاتتىق نارازى

خىتايلار ئافرىقا بازىرىغا كىرگەندىن بۇيان سېنېگاللىقلار ئۇلارنىڭ ئاياغلىرىنى ئېلىشقا باشلىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاياغ مودىللىرى تېخىمۇ رەڭلىك، پاشنىسى ئېگىز ئەمما سۇپەتسىز ۋە باھاسى ئەرزان.

318249
ئافرىقىلىق موزدۇزلار خىتاي ئاياغلىرىدىن قاتتىق نارازى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېنېگالنىڭ ئەنئەنىۋىي كوچا موزدوزلىرى، قولدا ياسالغان ھەقىقىي خىرۇم ئاياغلارنىڭ ئورنىغا كىشىلەرنىڭ ئەرزان، سۈپەتسىز خىتاي ئاياغلىرىغا يۈزلەنگەنلىكىدىن قاتتىق شىكايەتچى.
موزدۇز تىئام نارازىلىقىنى تېلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى:
خىتايلار ئافرىقا بازىرىغا كىرگەندىن بۇيان سېنېگاللىقلار ئۇلارنىڭ ئاياغلىرىنى ئېلىشقا باشلىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاياغ مودىللىرى تېخىمۇ رەڭلىك، پاشنىسى ئېگىز ئەمما سۇپەتسىز ۋە باھاسى ئەرزان. بىزنىڭ ۋەتەنداشلىرىمىز باھاسىنى ئەرزان دەپلا سۈپەتسىز خىتاي ئاياغلىرىنى تاللىماقتا»
سېنىگالنىڭ پايتەختى داكارنىڭ موزدۇزلار بازىرى «مەدىنە»دە يايما دوككان ئاچىدىغان موزدۇزلار يالغۇز ئۆز كەسىپلىرى بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇشىنى قامداۋاتقانلا بولماستىن، بەلكى ئۆز نۆۋىتىدە ئافرىقىغا خاس ئۆزگىچە بىر كۈلتۈرنى ياشنىۋاتقان ئۇستىلار بولۇپمۇ ھېسابلىنىدۇ.
ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بۇ ئەنئەنىۋىي كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئابدۇ تىئام ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ سۈپەتسىز، ئەرزان باھالىق ئاياغلىرى دەستىدىن ئەمدىلىكتە قولدا ياسالغان ھەقىقىي خۇرۇم ئاياغلارنىڭ خىرىدارلىرى ئازلاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى:
خىرىدارلىرىمىزنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمى بوركېنافوسو ۋە تاگودىن كېلىدۇ، ھەتتا بىزنىڭ ئاياغلىرىمىزنىڭ سۈپىتىگە ۋە چىدامچانلىقىغا ئىشىنىپ ئاتايىن داكاردىن كېلىپ ئاياغ زاكاس قىلىدىغانلارمۇ بار. ئەگەر بۇلار ۋە چەت ئەللىكلەر ئاياغلىرىمىزنى ياخشى كۆرۈپ ئالمىسا، خىتاينىڭ سەپەتسىز، ئەرزان ئاياغلىرى سەۋەبىدىن ئىش ئورنىمىزنى تاقىۋېتىشكە مەجبۇر بولغان بولاتتۇق. ھەر ھالدا كۈنىمىزنى تەستە ئۆتكۈزىۋاتىمىز» دېدى.
تەخمىنەن 2 مىڭغا يېقىن موزدۇز دۇكىنى ئورۇن ئالغان بازازدا، دۇكان ئېچىۋاتقان يەنە بىر ئافرىقىلىق موزدۇز مودو تىئام: «مەھسۇتلىرىمىزنى 3 دوللاردىن 7 دوللارغىچە بولغان باھادا سىتىۋاتىمىز، بىر ئايدا قانچىلىك پايدا ئالالايدىغانلىقىمىزنى ئېيتقىچىلىكى يوق، ئەمما ئايالىم، بالىلىرىم ۋە ئانامنى بېقىپ كېتىۋاتىمەن. دىنىي ھېيت - بايراملاردا ئىشلىرىمىز ئازراق ياخشى بولىدۇ. چەت ئەللىكلەر بولمىغان بولسا، ئاللى بۇرۇن دۇكانلىرىمىز تاقىلىپ كەتكەن بولاتتى. بەزىدە خىرىدارلىرىمىز ئۆزى خالىغان مودېلنى ئىنتېرنېت ئارقىلىق بىزگە يوللاپ بېرىدۇ. بىز ئۇلار تەلەپ قىلغان مودېلدا ئاياغلارنى تېكىپ يوللاپ بېرىمىز» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر