كېررىي بىلەن لاۋروۋ كېلىشتى

جون كېررىي رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن سۈرىيەدىكى خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشنى مەقسەت قىلغان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ لايىھەسى توغرىسىدا كېلىشكەنلىكلىرىنى ئېلان قىلدى.

317707
كېررىي بىلەن لاۋروۋ كېلىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي مالايشىيا پايتەختى كۇئالا لۇمپۇردا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشتى. ئۇ يىغىن دائىرىسىدە، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ سېرگېي لاۋروۋ بىلەن، «سۈرىيەدىكى خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىغا كىملەرنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى بېكىتىش ئۈچۈن بىر تەكشۈرۈش مېخانىزمىنىڭ قۇرۇلۇشى تەكلىپ قىلىنغان لايىھە» توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
مەزكۇر لايىھەنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بۈگۈن (7 – ئاۋغۇست) ئاۋازغا قويۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئەگەر لايىھە قوبۇل قىلىنسا، تەشكىل قىلىنىدىغان ھەيئەت دەسلەپكى دوكلاتىنى 90 كۈن ئىچىدە ئومۇمىي كېڭەش باشلىقى بان كىمۇنغا سۇنىدۇ.
2013 – يىلى 21 – ئاۋغۇست سۈرىيە پايتەختى دەمەشىق ئەتراپىدا يۈز بەرگەن خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىدا يۈزلەرچە پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر