رۇسىيەنىڭ خىتاي چېگراسىدا ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى
خىتاي چېگراسىغا يېقىن يەردە يۈز بەرگەن قۇرقۇنچلۇق ۋەقەدە 20 كىشى ئېغىر بولۇپ، جەمئىي 50 كىشى يارىدار بولدى.
316870
![رۇسىيەنىڭ خىتاي چېگراسىدا ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/10-11/Files/UploadedImages/2993589592rusyaotobskaza.jpg?time=1718424348)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ شەرقىدە ئىككى يولۇچى ئاپتوبۇسى سوقۇشۇپ كېتىپ بىر بوۋاق بىلەن قوشۇلۇپ 16 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
خىتاي چېگراسىغا يېقىن يەردە يۈز بەرگەن قۇرقۇنچلۇق ۋەقەدە 20 كىشى ئېغىر بولۇپ، جەمئىي 50 كىشى يارىدار بولدى.
ۋەقە ئاپتوبۇسلاردىن بىرسىنىڭ يول ياساۋاتقان ئاپتومۇبىلنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كەتمەكچى بولۇۋاتقان پەيتتە، ئۇدۇلدىن كەلگەن يەنە بىر ئاپتوبۇس بىلەن سوقۇشۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلدى.
ۋەقە يۈز بەرگەن رايوندا بىر كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىندى.