ئامېرىكا سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەرگە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا ھەربىي تەلىم-تەربىيە پىروگراممىسىغا قاتناشقان سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەرنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

313312
ئامېرىكا سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەرگە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھەربىي تەلىم-تەربىيە پىروگراممىسىغا قاتناشقان سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەرگە قارىتىلغان «ھەر قانداق ھۇجۇمغا» قارشى قوللايدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.
بۇنداق بولغاندا، ئۆكتىچىلەر ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىسا، ئامېرىكا ئايرۇپىلانلىرى سۈرىيە ئارمىيەسىگە ھۇجۇم قوزغايدۇ.
بۇ قارار ئامېرىكا ئارمىيەسنىڭ سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش باشلىغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم بىۋاستە ئۇرۇشقا قاتنىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بۇ قارارغا نارازىلىق بىلدۈرگەن موسكوۋا ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پىلانىنىڭ دەمەشىق ھاكىميىتىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشلىرىگە زىيان بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر