ئەل نۇسرا ئەسىر ئۆكتىچىلەرنىڭ ۋىدىئوسىنى تارقاتتى

ئەل نۇسرا ھەربىي تەلىم-تەربىيە ئېلىۋاتقان ئۆكتىچىلەرنى ئەسىر ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ۋىدىئوسىنى ئىنتېرنېتتا تارقاتتى.

312470
ئەل نۇسرا ئەسىر ئۆكتىچىلەرنىڭ ۋىدىئوسىنى تارقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە ئۆتكەن ھەپتە ھەربىي تەلىم-تەربىيە ئېلىۋاتقان ئۆكتىچىلەرنى ئەسىر ئېلىۋالغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئەل نۇسرا فىرونتى، بەزى ئۆكتىچىلەرنىڭ ۋىدىئوسىنى ئىنتېرنېتتىن تارقاتتى.
ۋىدىئودا سۆز قىلغان ئەسىرلەردىن بىرى ئامېرىكىلىقلاردىن ھەربىي-تەلىم تەربىيە ۋە قورال-ياراغ ئالغانلىقلىرىنى دەيدۇ. ئەل نۇسرالىقلار بولسا «غەرب ۋە ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىكى قولىنى كېسىپ تاشلىدۇق» دېگەن سۆزلەرنى قىلىشىدۇ.
ئەل نۇسرا قانچىلىك ئۆكتىچىنى ئەسىرگە ئالغانلىقلىرى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات بەرمەي، ئەسىر ئىچىدە ئۆكتىچىلەرنىڭ بىر قوماندانىڭمۇ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. مۆتىدىل ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان سۈرىيە كۆزەتكۈچىلەر مەركىزى بولسا ئەل نۇسرانىڭ ھەربىي تەلىم-تەربىيە ئېلىۋاتقان ئۆكتىچىلەر ئىچىدىن ئەسىر ئالغان كىشى سانىنىڭ 8 ئەتىراپىدا ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
ئەل نۇسرا ئەسىر ئۆكتىچىلەرنىڭ ۋىدىئولىرىنى ئىنتېرنېتتا تارقاتقاندىن كېيىن، 30-قىسىم دەپ ئاتىلىدىغان ھەربىي تەلىم-تەربىيە پىروگراممىسىغا قاتناشقان ئۆكتىچىلەرنىڭ مەركىزىگە ھۇجۇم قوزغىدى.
ئۆكتىچىلەر ھەربىي بازىنىڭ ئەل نۇسرانىڭ قولىغا ئۆتكەنلىكىنى، توقۇنۇشلاردا 5 ئەزاسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقلىرىنى، 25 ئەل نۇسرا مىلىتانىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
ھەربىي تەلىم-تەربىيە پىروگراممىسىغا قاتناشقان ئۆكتىچىلەرنىڭ كۈرت قىسىملىرىنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى رايونلارغا چېكىنگەنلىكلىرى بىلدۈرۈلدى.
بۇ ئارىلىقتا ئەسەد قىسىملىرى بىلەن ئۆكتىچىلەر ئوتتۇرىسىدا ھاما ئۆلكىسىدە شىددەتلىك توقۇنۇشلار يۈز بەرمەكتە. ئەسەد قىسىملىرى ئۆكتىچىلەرنىڭ نۇسايرىلىقلار ياشايدىغان لازىقىيە رايونىغا قاراپ يېقىنلىشىشىغا توسالغۇ بولۇش ئۈچۈن قايتۇرما زەربىگە ئۆتتى.
ئۆكتىچىلەر 3 كۈن ئىچىدە ئەسەد قىسىملىرىنىڭ قولىدىن چىقىرىپ قويغان زېمىنلارنىڭ يېرىمىنى قايتۇرۇپ ئالغانلىقلىرىنى، ئۆزلىرىدىن 73، ئەسەد قىسىملىرىدىن 42 ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر