رۇھانى يادرو مۇزاكىرىلىرىدە ئۇتۇق قازانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

ئىران پىرىزىدېنتى ھەسەن رۇھانى يادرو مۇزاكىرىلىرىدە ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنىڭ ئەمەلىيەتتە «غەلىبە كېلىشىمى» بولغانلىقىنى ئېيتتى.

312254
رۇھانى يادرو مۇزاكىرىلىرىدە ئۇتۇق قازانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرىزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى بەش دائىمىي ئەزاسى بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان يادرو كېلىشىمىنىڭ «غەلبە كېلىشىمى» ئىكەنلىكىنى ئېيتى.
ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلىدا سۆز قىلغان رۇھانى، «يادرو مۇزاكىرىلىرىدە قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرىمىز تۈنۈگۈنكى خىيالدىنمۇ ئۈستۈندۇر» دېدى.
يادرو كېلىشىمى نەتىجىسىدە ئىراننىڭ ھەربىي ياكى سانائەت سىرلىرىنىڭ ئاشكارلىنىپ كېتىشىگىمۇ قەتئىي يول قويمايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن ھەسەن رۇھانى، ئىراننىڭ يادرو ساھەسىدىكى خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.
رۇھانى فوردو ئۇران قويۇقلاندۇرۇش بازىسى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇران قويۇقلاندۇرمىساق بولمايدۇ، بۇنىڭغا ئېھتىياجىمىز بار، فوردۇ بازىسىنى ئاچتۇق ۋە بۇنى چوقۇم تاماملايمىز.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر