(KİK) نىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېررىي بىلەن كۆرۈشىدۇ

پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى (KİK) نىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىن ئۈچۈن قاتارغا يېتىپ كەلدى.

312603
(KİK) نىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېررىي بىلەن كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جون كېررىي بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كۆرۈشۈپ، ئىران بىلەن ئالتە دۆلەت ئارىسىدا ئاۋستىرىيە پايتەختى ۋىيېننادا 14 – ئىيۇل ئىمزالانغان يادرو كېلىشىمى، ئىراق، سۈرىيە، لىۋان ۋە يەمەن قاتارلىق رايونلۇق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋمۇ بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتنىشىدۇ. ئۇ قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھاماد ئالسانى ۋە قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خالىد ئەلئاتىييە بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئۇ يەنە، كېررىي بىلەن كۆرۈشۈپ، سۈرىيە ۋە ئۇكرائىنا مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان باياناتتا، لاۋروۋ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كېررىي ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئادىل ئەلجۇبەيرىلەرنىڭ ئۈچ تەرەپ يىغىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
جون كېررىي نىيۇ يورك تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشىدە ئىران بىلەن ئىمزالانغان يادرو كېلىشىمىگە مۇناسىۋەتلىك قىلغان سۆزىدە، قاتاردا لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، سۈرىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ يىغىنغا، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن تۈركىيەنى قاتناشتۇرۇشنى خالايمىز، ئىران بىلەن نېمە قىلالايدىغانلىقىمىزنى مۇزاكىرە قىلىمىز» دېگەن ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر