قىبرىس تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى ئۇزارتىلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى، قىبرىستا تۇرۇۋاتقان ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى ئۇزارتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى، قىبرىستا تۇرۇۋاتقان ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى 2016 – يىلى 31- يانۋارغىچە ئۇزارتتى.
ب د ت خەۋپسىزلىك كىشىدە بىردەك قوبۇل قىلىنغان قاراردا، ئارالدا مۇزاكىرىلەرنىڭ قايتىدىن باشلىنىشى ۋە ئىجابىي كەيپىياتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىدىن خۇشاللىق ھېس قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.
قىبرىستا ھەم تەڭپۇڭ رايون ھەم باشقا جايلارنىڭ مىنالاردىن خالىي قىلىنىشى يولىدىكى خىزمەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىلىشىنى تەلەپ قىلغان كېڭەش، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا يېڭى كىرىش – چىقىش ئېغىزلىرىنىڭ ئېچىلىشى دېگەندەك ئىشەنچنى كۈچەيتىدىغان سىياسەتلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىشى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/3cc3/db28/e5e7/571459f87d3d8.jpg?time=1719142155)
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.