ياۋروپا تۈركىيەنى ئاداققىچە قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى

ياۋروپا ئەللىرى تۈركىيەنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى پ ك ك ۋە دائېشقا قارشى كۈرەشلەردە ئاداققىچە قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

385178
ياۋروپا تۈركىيەنى ئاداققىچە قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ تېررورىزمغا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەر توغرىسىدا ئالاقىدار شەخسلەر بىلەن كېڭەش ئۆتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمۇن، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى جېن كىلاۋۇد جۇنكېر ۋە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
داۋۇئوغلۇ دائېش، پ ك ك ۋە د ھ ك پ قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى، ئالاقىدار شەخسلەرمۇ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشلەردە تۈركىيە بىلەن بىر سەپتە بولىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.
ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇن بىلەن كۆرۈشكەن داۋۇتئوغلۇ، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشلەردە خەلقئارالىق ھەمكارلىقىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. بان كىمۇن تېررورلۇق ھۇجۇملىرى تۈپەيلى ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن داۋۇتئوغلۇغا تەزىيە بىلدۈردى.
بان كىمۇن تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ئىنسانىي كىرزىسلەر دائىرىسىدە زىممىسىگە ئالغان يۈك ۋە دائېشقا قارشى كۈرەشلەردە بەرپا قىلىنغان ئىتتىپاقداش قىسىملارنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى ئىپادە قىلدى.
باش كاتىپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشلىرىنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. داۋۇتئوغلۇ ئارقىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى جېن كىلاۋۇد جۇنكېر بىلەن كۆرۈشتى. جۇنكېرمۇ تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشلىرىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن كۆرۈشتى. تېررورلۇق ھۇجۇملىرى سەۋەبلىك ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرگەن مېركېل، گېرمانىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشلەردە تۈركىيەنى ئاداققىچە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر