ئەسەد ئەسكەرلىرى 44 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ئەسەد ئەسكەرلىرى قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋادىن ئۆكتىچىلەرگە ھۇجۇم قوزغاپ 44 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

384778
ئەسەد ئەسكەرلىرى 44 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى رايونلارغا ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا، 6سى بالا بولۇپ جەمئىي 44 ئادەم ئۆلدى.
سۈرىيە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ھاۋادىن ۋارىل ۋە ۋاكۇم بومبىلىرى بىلەن، قۇرۇقلۇقتىن تانكىلار ۋە روكېتلار بىلەن ھۇجۇم قوزغىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بۇ ئارىلىقتا، سۈرىيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى سانا بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ مەملىكەتلىك مىقياسىدا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە نۇرغۇن قوراللىق كىشىلەرنىڭ پاسسىپ ھالغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
ئۆكتىچىلەرمۇ دەرئا شەھىرىنى تولۇق قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىدى. ئەسەد قىسىملىرى بىلەن بولغان توقۇنۇشلارنىڭ شەھەرنىڭ شىمالىغا مەركەزلەشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئۆكتىچىلەر دەرئانىڭ 70%نى تىزگىنى ئاستىدا تۇتماقتا. ھالەپتىمۇ 11 ئەسەد ئەسكىرى بىلەن 1 دائېش مىلىتانى ئۆلدى. ئىگىلىنىشىچە، ئەسەد قىسىملىرى قەدىمىي شەھەر پالمىرا شەھىرىنى قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن دائېشقا ھۇجۇم قوزغىغان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر