ئوباما بىلەن ئەردوغان دائېش توغرۇلۇق كۆرۈشتى
باراك ئوباما بىلەن رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۇرۇچتىكى تېررولۇق ۋەقەسى ۋە دائېش توغرۇلۇق كېڭەش ئۆتكۈزدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرىزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا ئاقساراي بايانات بەردى.
باياناتتا ئوبامانىڭ سۇرۇچتىكى تېررورلۇق ۋەقەسى بىلەن جەيلانپىناردىكى ھۇجۇملارنى ئەيىبلىگەنلىكى تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭمۇ جەيلانپىناردىكى ۋەقە ئۈچۈن «كىشىنى بىئارام قىلىدىغان» دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.
ئاقساراي تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئوباما بىلەن ئەردوغاننىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا دائېشقا قارشى كۈرەشلەردە داۋاملىشىۋاتقان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتىن سىرت، ئىراقتا بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق بەرپا قىلىش ۋە سۈرىيەدىكى توقۇنۇشلارغا سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى تېپىش يولىدا بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش قاتارلىقلارنىڭ كېڭەش قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، ئىككى رەھبەرنىڭ ئامېرىكا بىلەن تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە بىرلىك ئىچىدە ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلىگەنلىكى، «چەتئەل جەڭچىلىرىنىڭ سۈرىيە ۋە ئىراققا ئۆتۈشىگە توسالغۇ بولۇش، تۈركىيەنىڭ سۈرىيە چېگرىسىدا بىخەتەرلىك بەرپا قىلىش يولىدا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش تىرىشچانلىقلىرى»نىڭمۇ تىلغا ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.
باياناتتا يەنە ئىككى رەھبەرنىڭ رايونلۇق مەسىلىلەردىمۇ يېقىندىن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا ۋەدە بېرىشكەنلىكلىرى بايان قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ھەجدە ۋاپات بولغانلارنىڭ سانى 1300 دىن ئاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/de7a/4a07/b475/666eac96c0472.jpg?time=1719216861)
ھەجدە ۋاپات بولغانلارنىڭ سانى 1300 دىن ئاشتى
سەئۇدى ئەرەبىستاندا ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلش جەريانىدا 1301 كىشىنىڭ ۋاپات بولغانلىقى ئېلان قىلىندى.