خىتاي، ئۆكتىچى رەسسام ئەي ۋېيۋېينىڭ پاسپورتىنى قايتۇرۇپ بەردى

بېيجىڭ دائىرىلىرى، ئارىدىن 4 يىل ئۆتكەندىن كېيىن داڭلىق ئۆكتىچى رەسسام ئەي ۋېيۋېينىڭ پاسپورتىنى قايتۇرۇپ بەردى.

383687
خىتاي، ئۆكتىچى رەسسام ئەي ۋېيۋېينىڭ پاسپورتىنى قايتۇرۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي رەسسام ئەي ۋېيۋېي بۈگۈن (چارشەنبە) خىتاي پاسپورتىنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ھالەتتىكى سۈرىتىنى «بۈگۈن پاسپورتۇمنى ئالدىم» دېگەن ئۇچۇر بىلەن بىرلىكتە ئىنستېگرامدا ئېلان قىلدى.

خىتاي دائىرىلىرى، 2011 – يىلى ئۆكتىچى خىتاي رەسسام ئەي ۋېيۋېينى 3 ئايدەك نازارەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرغاندىن كېيىن، بىرەر جىنايەت سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىمەستىنلا قويۇپ بەرگەنىدى. ئارقىدىن ئۇنىڭ لايىھە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركىتىدىن 2 مىليون 400 مىڭ دوللار قىممىتىدە باج تاپشۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان، ئەي ۋېيۋېي بۇ قارارغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ سوتقا ئەرز سۇنغان بولسىمۇ، ئۈنۈمى بولمىغان.

ئەي ۋېيۋېي پاسپورتىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، بۇ جەرياننىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە توختالمىدى.

ئەي ۋېيۋېينىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كۆرگەزمە قىلىنغان سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ ئۇنى خەلقئارا سەھنىدە تونۇلغان خىتاي ئۆكتىچىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كۆپىنچە ھاللاردا ئۆكتىچىلەرنىڭ چەت ئەللەردە كومۇنىستىك پارتىيەنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇش ئېھتىمالىنى نەزەردە تۇتۇپ پاسپورتلىرىنى تارتىۋالىدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر